سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:122

إِذْ هَمَّتْ طَائِفَتَانِ مِنْكُمْ أَنْ تَفْشَلَا وَاللَّهُ وَلِيُّهُمَا ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ اﷲ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) اﷲ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا مۆمىنلەردىن بەنى سەلەمە قەبىلىسى بىلەن بەنى ھارىس قەبىلىسى مۇناپىقلار قايتقان ۋاقتىدا، ئۇلارمۇ ئاجىزلىق كۆرسۈتۈپ قايتىشنى مەقسەت قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنى قايتىش مەقسىدىدىن ياندۇرۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا مۇستەھكەم قىلىش بىلەن ياردەم بەردى، مۆئمىنلار ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر ئاللاھقىلا تايىنىشى .كېرەك

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ