سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:119
هَا أَنْتُمْ أُولَاءِ تُحِبُّونَهُمْ وَلَا يُحِبُّونَكُمْ وَتُؤْمِنُونَ بِالْكِتَابِ كُلِّهِ وَإِذَا لَقُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا عَضُّوا عَلَيْكُمُ الْأَنَامِلَ مِنَ الْغَيْظِ ۚ قُلْ مُوتُوا بِغَيْظِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر (ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتىقىنكى، «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى اﷲ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر
تەپسىر
ئى مۆئمىنلەر! سىلەر ئاشۇ قەۋمنى ياخشى كۆرىسىلەر، ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىلەرگە ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلمايدۇ، بەلكى سىلەرنى ئۆچ كۆرۈدۇ، سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىتابىغىمۇ ئىمان ئېيتتىڭلار، ھالبۇكى ئۇلار سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشەنمەيدۇ. سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، تىلىنىڭ ئۇچىدا سىلەرگە ئىشەندۇق دەيدۇ، بەزىسى بەزىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، سىلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىغىڭلارغا ۋە ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشىگە چىدىماي، ئۆزلىرى خارلىق، ئاھانەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقتىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۆلگۈچە ئاچچىق يۇتقان ھالەتتە بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار قەلبىدىكى ئىمان، كۇپىر، ياخشىلىق ۋە يامانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىشىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ