سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:110
كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ ۗ وَلَوْ آمَنَ أَهْلُ الْكِتَابِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ ۚ مِنْهُمُ الْمُؤْمِنُونَ وَأَكْثَرُهُمُ الْفَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر
تەپسىر
سىلەر ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئىمانىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. سىلەر كىشىلەرنى شەرىئەت يولغا قويغان ۋە ئەقىل چېرايلىق دەپ قارىغان ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيسىلەر، شەرىئەت چەكلىگەن ئەقىل ناچار دەپ قارىغان يامان ئىشلاردىن چەكلەيسىلەر، ئىمانىڭلارنى ئەمەلىڭلار بىلەن تەستىقلاپ ئاللاھقا شەكسىز ئىشىنىسىلەر. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى بولار ئىدى، ئەھلى كىتابنىڭ ئاز بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە پرىنسىپىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەردۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ