سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:106

يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ

شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر (يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر (يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى) قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»

تەپسىر

بۇ ئازاب ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىمان ئەھلىنىڭ يۈزلىرى خۇرسەنلىك ۋە بەخت-سائادەتتىن نۇرلىنىپ ئاقىرىدۇ، كاپىرلارنىڭ يۈزلىرى بولسا غەم-قايغۇ، ئازابتىن قارىيدۇ، ئاشۇ كاتتا كۈندە يۈزى قارايغانلارغا كايىش يۈزىسىدىن: ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تاندىڭلارمۇ، ئاللاھنىڭ سىلەردىن ئالغان؛ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ئەھدىسىنى تەستىقلاپ ۋە ئىقرار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئەھدىنى بۇزدۇڭلارمۇ؟، كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ .سىلەرگە تەييارلىغان ئازابىنى تېتىڭلار دېيىلىدۇ

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ