سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:103

وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنْتُمْ عَلَىٰ شَفَا حُفْرَةٍ مِنَ النَّارِ فَأَنْقَذَكُمْ مِنْهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ

ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ

تەپسىر

ئى مۆمىنلەر! قۇرئان -سۈننەتكە چېڭ يىپىشىڭلار، سىلەرنى بۆلۈنۇشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، سىلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئاددى ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلاتتىڭلار، ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق سىلەرنىڭ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبانلىق قىلىدىغان سەمىمى دوستلاردىن بولدۇڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن دوزاخنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ قالغانتىڭلار، ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق بۇنىڭدىن قۇتقازدى، ئىمانغا باشلىدى، سىلەرنىڭ رۇس يولدا مېڭىشىڭلار، توغرا يولنى تىپىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ بەرگەندەك، سىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك .ئەھۋالىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان پرىنسىپلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ