سۈرە 29 · پارە 21
سورة العنكبوت · 29:63
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تېرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «اﷲ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇر»، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى چىقارغان كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زېمىندا (ئۆسۈملۈكلەرنى) ئۆستۈرگەن ئاللاھ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: بارلىق ھەمدۇسانا سىلەرگە پاكتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاللاھقا خاستۇر. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان بولاتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ