سۈرە 29 · پارە 21
سورة العنكبوت · 29:61
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «اﷲ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ!
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ياراتقان كىم؟ زېمىننى ياراتقان كىم؟ قۇياش بىلەن ئاينى نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە بەندىلەرنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەرگىنى كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار قانداقسىگە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ