سۈرە 29 · پارە 20

سورة العنكبوت · 29:33

وَلَمَّا أَنْ جَاءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِيءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالُوا لَا تَخَفْ وَلَا تَحْزَنْ ۖ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهْلَكَ إِلَّا امْرَأَتَكَ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ

بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»

تەپسىر

بىز لۇتنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەرىشتىلەر لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە لۇت ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن قايغۇغا چۆمدى، چۈنكى ئۇ قەۋمىنىڭ ئۇلارغىمۇ پەسكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، پەرىشتىلەر ئەرلەرنىڭ قىياپىتىدە كەلگەن بولۇپ، لۇتنىڭ قەۋمى ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، قەۋمىڭ ئەمدى ساڭا يامانلىق قىلالمايدۇ، بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھالاكەت خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزدىنمۇ قايغۇرۇپ كەتمىگىن. بىز سېنى ۋە خاتونۇڭدىن باشقا پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتىڭنى قۇتۇلدۇرىمىز. خاتونۇڭ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولغاچقا ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمىز، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ