سۈرە 29 · پارە 20

سورة العنكبوت · 29:29

أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ السَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِي نَادِيكُمُ الْمُنْكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتِنَا بِعَذَابِ اللَّهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ

سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە اﷲ نىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى

تەپسىر

سىلەر شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن لىۋاتە (بەچچىۋازلىق) قىلامسىلەر؟ يولۇچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ ئۇلار سىلەرنىڭ ئەسكىلىكىڭلاردىن قورقۇپ يېنىڭلاردىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ. سورۇنلىرىڭلاردا يالىڭاچلىنىش، ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە گەپ - سۆز ھەم ئىش - ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىشكە ئوخشاش ناچار ئىشلارنى قىلامسىلەر؟ لۇت ئۇلارنى ناچار قىلمىشتىن چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جاۋابى: ئەگەر سۆزۈڭدە راستچىل بولساڭ، بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن، دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ