سۈرە 29 · پارە 20

سورة العنكبوت · 29:17

إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَابْتَغُوا عِنْدَ اللَّهِ الرِّزْقَ وَاعْبُدُوهُ وَاشْكُرُوا لَهُ ۖ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

سىلەر اﷲ نى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا - زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت اﷲ نىڭ ئۆزى قادىردۇر)، اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر

تەپسىر

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر، شۇنداقلا ئۇ بۇتلارنى چوقۇنۇشقا لايىق، دەپ بىلجىرلاپ يالغاننى توقۇيسىلەر. شەكسىزكى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا رىزىقنى ئاللاھتىن كۈتۈڭلاركى، ئۇ (پۈتكۈل مەخلۇقاتلارغا) رىزىق بەرگۈچىدۇر. يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن رىزىقلىرىغا شۈكرى قىلىڭلار. سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن بۇتلىرىڭلارغا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلۇسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ