سۈرە 29 · پارە 20

سورة العنكبوت · 29:10

وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ فَإِذَا أُوذِيَ فِي اللَّهِ جَعَلَ فِتْنَةَ النَّاسِ كَعَذَابِ اللَّهِ وَلَئِنْ جَاءَ نَصْرٌ مِنْ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمْ ۚ أَوَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ الْعَالَمِينَ

بەزى كىشىلەر: «اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، اﷲ نىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى اﷲ نىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. اﷲ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟

تەپسىر

بىر قىسىم كىشىلەر: ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەزىيەت بەرسە، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەزىيىتىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئوخشاش كۆرۈپ، كاپىرلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىمانىدىن يېنىۋالىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ساڭا پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە، ئۇلار: ئى مۇئمىنلەر! بىزمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقان ئىدۇققۇ، دەيدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟! ئاللاھقا كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكى كۇپرى ۋە ئىماندىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئۇلاردىنمۇ ئوبدان بىلىدىغان تۇرسا، ئۇلار قانداقسىگە دىللىرىدىكىنى ئاللاھقا بىلدۈرسۇن؟

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ