سۈرە 24 · پارە 18
سورة النور · 24:63
لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنْكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى اﷲ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن
تەپسىر
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھۆرمەتلەڭلار. ناۋادا ئۇنى چاقىرماقچى بولساڭلار، بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغىنىڭلارغا ئوخشاش: ئەي مۇھەممەد! دەپ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ياكى: ئەي ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى! دەپ دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇدۇللا چاقىرماي، ئەي رەسۇلۇللاھ ياكى ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ چاقىرىڭلار. ناۋادا ئۇ سىلەرنى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك چاقىرسا، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئۆز ئاراڭلاردىكى بىر قىسىم ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماڭلار، ئەكسىچە ئۇنىڭغا دەرھال ئاۋاز قوشۇڭلار. ئاللاھ ئاراڭلاردىن رۇخسەتسىز غىپپىدە تىكىۋېتىدىغانلارنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بىرەر خاپىلىق ۋە مۇسىبەت كەلتۈرۈشىدىن ياكى چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ئازاب كەلتۈرۈشىدىن پەخەس بولسۇن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ