سۈرە 24 · پارە 18

سورة النور · 24:58

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِيَسْتَأْذِنْكُمُ الَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ وَالَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا الْحُلُمَ مِنْكُمْ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ ۚ مِنْ قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُمْ مِنَ الظَّهِيرَةِ وَمِنْ بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاءِ ۚ ثَلَاثُ عَوْرَاتٍ لَكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌ بَعْدَهُنَّ ۚ طَوَّافُونَ عَلَيْكُمْ بَعْضُكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئۇلار سىلەرگە كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر - بىرىڭلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، اﷲ سىلەرگە ئايەتلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇل - چۆرىلىرىڭلار ۋە بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، ھۆر بالىلىرىڭلار مۇنداق ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن رۇخسەت سورىسۇن: (بىرىنچىسى) بامدات نامىزىدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولۇپ، بۇ سىلەرنىڭ ئويغاق ھالىتىڭلاردا كىيىدىغان كىيىمىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇخلاش كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتۇر. (ئىككىنچىسى) چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سىلەر چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سېلىۋېتىسىلەر. (ئۈچىنچىسى) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىت بولۇپ، چۈنكى بۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭلاردۇر. بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان) ۋاقىتلاردۇركى، بۇ ۋاقىتلاردا سىلەردىن رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ يېنىڭلارغا ھېچكىم كىرمىسۇن. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا چاغدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار يېنىڭلارغا رۇخسەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا رۇخسەتسىز كىرىشتىن چەكلەنسە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، يولغا قويغان ئەھكاملارغا دەلىل بولىدىغان ئايەتلەرنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ