سۈرە 24 · پارە 18

آية النور · سورة النور 24:35

۞ اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ ۖ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ ۖ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ ۚ نُورٌ عَلَىٰ نُورٍ ۗ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ

اﷲ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، اﷲ نىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈن بويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ)، يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، اﷲ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، اﷲ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ئۆز يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىننىڭ قەلبىدىكى نۇرىنىڭ مىسالى چىراق قويىدىغان تەكچىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق گوياكى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش پارلاپ تۇرغان شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. چىراققا مۇبارەك دەرەخ زەيتۇننىڭ مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ، ئۇ دەرەخنى ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ قۇياش نۇرىدىن ھېچنەرسە توسۇۋالمايدۇ، ئۇنىڭ مېيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن ئوت تەگمىسىمۇ يېنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ - يۇ، ناۋادا ئوت تەگسە قانداق بوپ كېتەر؟ ھىدايەت نۇرى چاقنىغان چاغدىكى مۇئمىننىڭ قەلبىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى قۇرئانغا ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەمجىنسلىرىغا ئوخشىتىپ مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ