سۈرە 23 · پارە 18
سورة المؤمنون · 23:33
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِلِقَاءِ الْآخِرَةِ وَأَتْرَفْنَاهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغان چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.
تەپسىر
ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئاخىرەتنى ھەم ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازالارنى ئىنكار قىلغان، ھاياتىي دۇنيادا نېئمەتلەرنى كەڭرى بەرگەنلىكىمىز ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئاقسۆڭەك كاتتىباشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇنداق دېيىشتى: بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ، ئۇنىڭ سىلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىدىغانغا سىلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ