سۈرە 23 · پارە 18

سورة المؤمنون · 23:27

فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ

بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك - چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھيى قىلدۇق

تەپسىر

بىز نۇھقا: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ساڭا قانداق ياساشنى تەلىم بەرگىنىمىز بويىچە بىر كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىمىز كېلىپ، تونۇردىن سۇ قاتتىق بېسىم بىلەن ئېتىلىپ چىققان چاغدا كېمىگە بارلىق جانلىقلاردىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىنكى، ئۇلارنىڭ نەسلى داۋاملاشسۇن. ئايالىڭ ۋە ئوغلۇڭغا ئوخشاش ئاللاھ تەرەپتىن ھالاك قىلىنىدىغانلىقى ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇلغان كىشىلەردىن باشقا ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئالغىن. كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئازابتىن قۇتۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنماسلىقى ھەققىدە ماڭا دۇئا قىلمىغىن. چۈنكى ئۇلار شەكسىز توپان بالاسىدا غەرق بولۇپ كەتكۈچىلەردۇر، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ