سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:97

قَالَ فَاذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِي الْحَيَاةِ أَنْ تَقُولَ لَا مِسَاسَ ۖ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَنْ تُخْلَفَهُ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ إِلَٰهِكَ الَّذِي ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا ۖ لَنُحَرِّقَنَّهُ ثُمَّ لَنَنْسِفَنَّهُ فِي الْيَمِّ نَسْفًا

مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، اﷲ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»

تەپسىر

مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىغا: سەن بارغىن! ھايات ياشىغان مۇددىتىڭدە كۆرگەنلا كىشىگە ماڭا يېقىنلاشماڭلار، مەنمۇ يېقىنلاشمايمەن دېگىن، يالغۇز ياشىغايسەن، شەكسىزكى ساڭا قىيامەتتە ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت بار، ئۇ ۋاقىتتا ھېساب بېرىسەن ۋە جازالىنىسەن، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ. سەن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتىپ ئاندىن ئۇنىڭ تەسىرى قالماسلىق ئۈچۈن كۈلىنى دېڭىزغا چىچىۋېتىمىز دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ