سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:94
قَالَ يَا ابْنَ أُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِي وَلَا بِرَأْسِي ۖ إِنِّي خَشِيتُ أَنْ تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِي
ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ ساقىلى ۋە چېچىدىن تارتىپ سۆرىگەندە، ھارۇن ئۇنىڭغا شەپقەت قېلىشىنى سوراپ: قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە قېلىشىمدا ئۈزرەم بار، مەن ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويسام ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈۋەتتىڭ دېيىشىڭدىن ۋە سېنىڭ ئۇلار توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقۇڭنى ساقلىيالماسلىقىمدىن قورۇقتۇم دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ