سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:77
وَلَقَدْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي فَاضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِي الْبَحْرِ يَبَسًا لَا تَخَافُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
بىز شەك - شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھيى قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»
تەپسىر
شەك-شۈبھىسىز بىز مۇساغا ۋەھيى قېلىپ: مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماستىن مىسىردىن ئېلىپ چېققىن، ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇلارغا دېڭىزدا بىر قۇرۇق يول قىلىپ بەرگىن، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ساڭا يېتىشىۋېلىشىدىن .قورقمىغىن ۋە دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ قورقمىغىن
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ