سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:66
قَالَ بَلْ أَلْقُوا ۖ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
مۇسا: «بەلكى سىلەر ئاۋۋال تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالام: بەلكى سىلەر تەييارلىغان سېھرىنى بۇرۇن تاشلاڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سېھرىنى تاشلىدى، ئۇلارنىڭ تاشلىغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرى سېھرىنىڭ تەسىرىدىن مۇسا .ئەلەيھىسسالامغا تىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان يىلاندەك بېلىندى
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ