سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:61

قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُمْ بِعَذَابٍ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنِ افْتَرَىٰ

مۇسا ئۇلار غا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! اﷲ قا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق اﷲ نىڭ مۆجىزىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، اﷲ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، اﷲ قا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»

تەپسىر

مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا ۋەز-نەسىھەت قېلىپ: دىققەت قىلىڭلار، سېھرى قىلىپ كىشىلەرنى ئالداش بىلەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن تۈپ-يىلتىزىڭلاردىن يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ، .دېدى

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ