سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:55

۞ مِنْهَا خَلَقْنَاكُمْ وَفِيهَا نُعِيدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً أُخْرَىٰ

سىلەرنى زېمىندىن خەلق ئەتتۇق، (ئۆلگۈنۈڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز

تەپسىر

سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىننىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتۇق، ۋاپات بولغان ۋاقتىڭلاردا سىلەرنى دەپنى قىلىش بىلەن زېمىنغا قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قىيامەت كۈنىدە تېرىلدۇرۇپ زېمىندىن چېقىرىمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ