سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:47
فَأْتِيَاهُ فَقُولَا إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَاكَ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَالسَّلَامُ عَلَىٰ مَنِ اتَّبَعَ الْهُدَىٰ
سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ
تەپسىر
سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئى پىرئەۋن! بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى ھايات قويۇش بىلەن ئۇلارنى ئازابلىمىغىن، بىز ساڭا ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يۇلىغا ئەگەشكەن ۋە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامانلىق .بولىدىغان پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق دەڭلار
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ