سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:45
قَالَا رَبَّنَا إِنَّنَا نَخَافُ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيْنَا أَوْ أَنْ يَطْغَىٰ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالام: بىز دەۋەتنى تاماملاشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىزنى جازالىشىدىن ياكى يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىزنى ئۆلتۈرۈش ۋە باشقا ئازابلار بىلەن زۇلۇم قىلىشىدىن قورقىمىز، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ