سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:15
إِنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ أَكَادُ أُخْفِيهَا لِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا تَسْعَىٰ
قىيامەتنىڭ بولۇشى ھەقىقەتتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم
تەپسىر
ھەقىقەتەن قىيامەت شەكسىز بولىدۇ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەخلۇقلاردىن ھېچ كىشى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەخپى تۇتتۇم، لېكىن ئۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىدۇ. قىيامەتتە ھەر بىر ئىنسان ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ