سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:128
أَفَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنَ الْقُرُونِ يَمْشُونَ فِي مَسَاكِنِهِمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِأُولِي النُّهَىٰ
ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
تەپسىر
مۇشرىكلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئاشكارا بولمىدىمۇ؟، ئۇلار ئاشۇ ھالاك قېلىنغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدىن ماڭىدۇ، ئۇلارغا يەتكەن ئازابنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوچۇق كۆرىدۇ، ئاشۇ كۆپ مىللەتلەرگە يەتكەن ھالاكەت، .ۋەيرانچىلىق ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەتتۇر
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ