سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:126
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ آيَاتُنَا فَنَسِيتَهَا ۖ وَكَذَٰلِكَ الْيَوْمَ تُنْسَىٰ
اﷲ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»
تەپسىر
ئاللاھ تائالا كاپىرغا رەددىيە بېرىپ: سەن دۇنيادىمۇ شۇنداق قىلغان، ھەقىقەتەن ساڭا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز كەلگەندە، سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش بۈگۈن سەن تەرك ئېتىلىپ ئازابقا دۇچار بولىسەن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ