سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:123

قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ

اﷲ (ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا) ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ

تەپسىر

ئاللاھ تائالا ئادەم بىلەن ھاۋاغا سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىبلىس ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار. ئىبلىس سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار، سىلەرمۇ ئۇنىڭ دۈشمىنى، سىلەرگە مېنىڭ توغرا يولۇمنىڭ بايانى كەلسە، سىلەردىن كىمكى مېنىڭ توغرا يولۇمغا ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا ھەق يولدىن ئېزىپ كەتمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولۇش بىلەن .بەختسىز بولمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشنى ئاللاھ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ