سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:121

فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۚ وَعَصَىٰ آدَمُ رَبَّهُ فَغَوَىٰ

ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى

تەپسىر

ئادەم بىلەن ھەۋا يېيىشى چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يۆگەكلىك بولغان ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇ ئىككىسى جەننەتنىڭ دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا باشلىدى. ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن يېيىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇ .قىلىش دۇرۇس بولمىغان ئىشنى قىلىپ سالدى

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ