سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:111

۞ وَعَنَتِ الْوُجُوهُ لِلْحَيِّ الْقَيُّومِ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا

گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى (مەڭگۈ) ھايات اﷲ قا ئېگىلىدۇ، اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ

تەپسىر

قىيامەتتە گۇناھكار بەندىلەرنىڭ يۈزى خار بولىدۇ. ۋاپات بولمايدىغان مەڭگۈ ھايات بولغان، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، تەدبىر قىلغۇچى ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاللاھتۇر. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن گۇناھ ئىشلىسە، ئاخىرەتتە ھالاكەتكە دۇچار بولۇپ زىيان تارتىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ