سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:105
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا
ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)
تەپسىر
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار سەندىن قىيامەت كۈنىدە تاغلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سورايدۇ؟، ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم تاغنى تېگىدىن يۈلۈپ كۈكۈم تالقان قېلىپ چېچىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توزاندا بولۇپ كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ