سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:10

إِذْ رَأَىٰ نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى النَّارِ هُدًى

ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى

تەپسىر

ئۆز ۋاقتىدا مۇسا سەپەر ئۈستىدە ئوتنى كۆردى، ئائىلىسىدىكىلەرگە: مۇشۇ جايىڭلاردا تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوت يورۇقۇنى كۆردۈم، مەن ئۇ ئوتتىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوتنىڭ يېنىدا ماڭا توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان بىرەر كىشىنى ئۇچىرتىپ قېلىشىم .مۇمكىن دېدى

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ