سۈرە 2 · پارە 3

خواتيم البقرة · سورة البقرة 2:286

لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ ۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ ۖ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۚ أَنْتَ مَوْلَانَا فَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ

اﷲ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ

تەپسىر

ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنى مۇشەققەتكە ئەمەس بەلكى ئاسانلىقنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە كىمەيتىلمەيدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، گۇناھ ۋە يامانلىقتىن قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنى ھېچ كىشى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز مەقسەتسىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ياھۇدىيلارغا يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىز تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىمىگىن، بىزنى بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىڭدىن قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە پەزلىڭ بىلەن رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، مەدەتكارىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ