سۈرە 2 · پارە 3
آية الكرسي · سورة البقرة 2:255
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر
تەپسىر
بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئەبەدى ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ھاياتلىقى ئۆلۈم ۋە كەمچىللىكتىن خالى بولغان دائىمىي مۇكەممەل ھاياتتۇر. ئۇ ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بولۇپ، ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ، ئاللاھ مۇكەممەل ئەبەدىي ھاياتقا ئىگە ئىدارە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنى مۈگە باسمايدۇ ۋە ئۇيقۇ تۇتمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە رازىلىقىسىز ھېچكىم باشقا بىرىگە شاپائەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە مۇستەقبەلدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان ۋە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. ئاللاھنىڭ كۇرسى يەنى، ئاللاھنىڭ ئىككى پۇتىنى قويۇدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭرىلىكى ۋە كاتتىلىقى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىقى بىلەن يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، پادىشاھلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ