سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:98
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُمْ مِنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا
ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)
تەپسىر
سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ھالاك قىلنغۇچى ئۈممەتتىن بىرەر كىشىنى تۇيامسەن، ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋازنى ئاڭلىيالامسەن؟ ئاللاھ ئىزنى قىلغان ۋاقىتتا ئۇلارغا يەتكەن مۇسىيبەت ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ .يېتىدۇ
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ