سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:80

وَنَرِثُهُ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا

ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ

تەپسىر

ئۇنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مال ۋە بالىنى مىراس قالدۇرىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنى، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان مال-دۇنيا ۋە يۈز-ئابرۇي قاتارلىق ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىپ يالغۇز كەلتۈرىمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ