سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:68

فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَالشَّيَاطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا

پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز

تەپسىر

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى: بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئازدۇرغان شەيتانلار بىلەن بىرلىكتە قەبرىسىدىن چېقىرىمىز، ئاندىن ئۇلارنى خار قىلغان ۋە تىز چۆكتۈرگەن ھالەتتە .جەھەننەمگە ھەيدەپ كېلىمىز

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ