سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:64
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا
بىز (دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى - كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ
تەپسىر
ئى جەبرائىل! مۇھەممەد ئەلەيھىسىسسالامغا ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر ئۆز ئالدىمىزغا چۈشمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرى ۋە بىز كەينىمىزدە قويۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، .دېگىن
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ