سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:61

جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ عِبَادَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّهُ كَانَ وَعْدُهُ مَأْتِيًّا

ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك اﷲ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، اﷲ نىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ

تەپسىر

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە كىرگۈزۈشنى، دائىم تۇرغۇزۇشنى ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن بوستانلىق ئاللاھ ۋەدە قىلغان جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتتى. جەننەتتىن ئىبارەت بۇ نېئمەت چوقۇم بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى .ھەقتۇر

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ