سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:58
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
اﷲ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ
تەپسىر
بۇ سۈرىدە زېكىر قېلىنغان زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئاشۇ كىشىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېمىگە چېققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. ئۇلارنى تاللاپ پەيغەمبەرلەردىن قىلدۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا ۋە تىلاۋەت قىلغاندا ئاللاھدىن قورقۇپ يېغلاپ سەجدە قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ