سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:48

وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا

سىلەردىن ۋە سىلەر اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»

تەپسىر

سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن يىراق بولىمەن، يالغۇز پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قېلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن. مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ .قالماسلىقىمنى ئۈمىت قىلىمەن

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ