سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:46

قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا

ئۇ (يەنى ئازەر ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»

تەپسىر

ئازەر ئوغلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ؟، ئەگەر سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنى سۆكۈشتىن توختىمىساڭ سېنى تاش بىلەن ئۇرىمەن. سەن ئۇزاق ۋاقىت مەندىن يىراق تۇرۇپ ماڭا سۆز قىلمىغىن، مەن بىلەن بىرگە تۇرمىغىن دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ