سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:27
فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ
تەپسىر
مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، قەۋمى ئۇنىڭ بوۋاق كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! سەن بەك غەلىتە ئىش قىلدىڭ، دادىسى يوق بىر بالىنى ئېلىپ كەلدىڭ دېدى
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ