سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:23

فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا

تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»

تەپسىر

ئۇنى قاتتىق تولغاق تۇتتى، ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋالدى، مەريەم: كاشكى مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ!، ماڭا يامان گۇمان قېلىنغاندىن كۆرە تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەمچۇ كاشكى!، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ