سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:12

يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا

(يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلدۇق

تەپسىر

زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يەھيا تۇغۇلدى، ئۇ چوڭ بولغاندا يەنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا: ئى يەھيا! تەۋراتنى تېرىشىپ ياخشى ئۈگەنگىن دېدۇق، ئۇنىڭغا بالىلىق يېشىدىلا ئەقىل، ئىلىم، تېرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئاتا قىلدۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ