سۈرە 18 · پارە 16

سورة الكهف · 18:82

وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنْزٌ لَهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَنْ يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنْزَهُمَا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ وَمَا فَعَلْتُهُ عَنْ أَمْرِي ۚ ذَٰلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا

تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر، ئۇنى (يەنى يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بىلەن قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى اﷲ نىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)، سەن سەۋر - تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»

تەپسىر

مەن ئوڭشاپ قويغان ۋە سەن مېنىڭ ئوڭشىغىنىمنى ئىنكار قىلغان تامغا كەلسەك، بۇ بىز كەلگەن يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئېدى، بۇ تامنىڭ ئاستىدا كۆمۈلگەن مال-دۇنيا بار ئېدى. بۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ دادىسى ياخشى كىشى ئېدى. ئى مۇسا! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بۇ بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ توغرا ئىش قىلىدىغان يېشىغا يەتكەندە تامنىڭ ئاستىدىن كۆمۈلگەن مالنى چېقىرىپ بېرىشنى خالىدى. ئەگەر تام ھازىر چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئىككى بالىنىڭ مېلى باشقىلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرايتتى. بۇ تەدبىر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىككى بالىغا بولغان رەھمىتىدىن، مەن ئۆز تېرىشچانلىقىم بىلەن ئىش قىلمىدىم، بۇ سەن سەۋىر قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئىشنىڭ ماھىيىتىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ