سۈرە 18 · پارە 15
سورة الكهف · 18:52
وَيَوْمَ يَقُولُ نَادُوا شُرَكَائِيَ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ مَوْبِقًا
شۇ كۈندە اﷲ (ئۇلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلار (نىڭ شېرىكلىرى) ئىجابەت قىلمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئۇلار ئۆتەلمەيدىغان) ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىن، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن بەدبەختلەرگە: سىلەر دۇنيادا مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ بىلجىرلىغان شېرىكلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شېرىكلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن شېرىكلىرى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ ھەم ئۇلارغا ياردەممۇ بېرەلمەيدۇ. بىز چوقۇنغۇچىلار بىلەن مەبۇدلار ئارىسىدا ئورتاق بىر ھالاكەتنى قىلدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ جەھەننەمدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ