سۈرە 18 · پارە 15
سورة الكهف · 18:5
مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ وَلَا لِآبَائِهِمْ ۚ كَبُرَتْ كَلِمَةً تَخْرُجُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ ۚ إِنْ يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبًا
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ
تەپسىر
ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ بىلجىرلايدىغان بۇ بوھتانچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتى يوق، ئۇلار بۇنداق دېيىشتە قارىغۇلارچە ئەگەشكەن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئويلانماستىن چىقىۋاتقان بۇ سۆز نېمىدېگەن قەبىھ! ئۇلار ھېچقانداق ئاساسسىز، دەلىلسىز، يالغان سۆزنىلا دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ