سۈرە 18 · پارە 15
سورة الكهف · 18:22
سَيَقُولُونَ ثَلَاثَةٌ رَابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًا بِالْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُلْ رَبِّي أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِمْ مَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَاءً ظَاهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِمْ مِنْهُمْ أَحَدًا
ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن
تەپسىر
ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن بىر قىسىم كىشىلەر: ئۇلار ئۈچ كىشى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېدى. يەنە بىر قىسمى: ئۇلار بەش كىشى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئېنىق پاكىتسىز ھالەتتە، پەقەت گۇمان بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. يەنە بىر بۆلۈك كىشىلەر: ئۇلار يەتتە كىشى بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، رەببىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ بىلدۈرگەن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا سەنمۇ ئۇلارنىڭ سانى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئەھلى كىتاب بىلەنمۇ، باشقىلار بىلەنمۇ دەتالاش قىلمىغىن، پەقەت چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتمىگەن ئاساستا، يۈزەكىيلا مۇنازىرىلەشكىن. چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ساڭا نازىل بولغان ۋەھىي بىلەنلا كۇپايىلىنىشىڭ كېرەك. ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە ھېچكىمدىن سوراپمۇ ئولتۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ