سۈرە 17 · پارە 15
سورة الإسراء · 17:97
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا
كىمكى اﷲ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە اﷲ تىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كۆر، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز
تەپسىر
ئاللاھ تائالا كىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقەتەن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. ئاللاھ كىمنى ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەرگىز بۇلارنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان، ئۇلاردىن زىياننى توسۇپ، پايدا كەلتۈرەلەيدىغان دوستلارنى تاپالمايسەن. بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنى توپلايمىز، ئۇلار دۇم ھالەتتە سۆرىلىپ ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ، گەپ قىلالمايدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بارار جايى جەھەننەم بولىدۇ. جەھەننەمنىڭ يالقۇنى ئازراق پەسىيىپ قالسا، بىز ئۇنى يەنە يالقۇنجىتىمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ